قارىمۇ -قارشى سەپتىكى خىتاي ساقچىسى ۋە دىنى مەكتەپ خىزمەتچىسىدىن 3 ئادەم يارىلانغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقەنى، خوتەن ساقچى قىسىملىرى قانۇنسىز دىنى مەكتەپنىڭ كونتروللۇقىدا قالغان 54 نەپەر ئۆسمۈرنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا يۈز بەرگەن، دەپ خەۋەر قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى زەربە بېرىش، يوقىتىش نىشانىنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قاراتماقتا دەپ كۆرسەتتى. ئۇ باياناتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن كېيىن، 47 ئۇيغۇرنى (ئۇنىڭ 11ئى ئايال) قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.