بۇ 2012-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتايدا 2-قېتىم چېمپىيون بولۇشى. بۇ يىل ياز پەسلىدە غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچى سادىق ھاجىم قۇرغان يېتىملەر مەكتىپىنىڭ «ئۈمىد پۇتبول كوماندىسى» خىتايدا چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ، 80 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 200 نەچچە كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ياخشى نەتىجە ياراتقان ئىدى.
پۇتبول ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئومۇملىشىپ، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن خىتايدا تونۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىمۇ خىتايدا مەشھۇر بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەملىكەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساس قىلغان «تاش ئالما» كوماندىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كوماندىلارنىڭ كۆپچىلىكىنى يېڭىۋالغان. خىتاي دائىرىلىرى مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، مۇسابىقىنى كۆرۈشكە كەلگەن تاماشىبىنلارنى چەكلىگەن شارائىتتىمۇ، تاش ئالما كوماندىسىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلار سانى 50مىڭدىن ئېشىپ، خىتاي بويىچە يېڭى رېكورت ياراتقان ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ پۇتبولدا خەلقئاراغا يۈزلىنىش ئارزۇسى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىشىغا يېڭى پۇرسەتلەر يارىتىپ بەرمەكتە.