قازاقىستان ياشلىرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئەزىز ھاشىروف ئىسىملىك بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بۆرىكىنى ئالماشتۇرۇش لازىم بولغان ئۇيغۇر ئۆمۈرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا تىرىشماقتا.

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئۈمىد» ناملىق تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە 10-نويابىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە مەخسۇس خەيرخاھلىق كونسېرتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كونسېرتتىن چۈشكەن پۇللارنىڭ ھەممىسى كېسەل ئۆسمۈر ئەزىز ھاشىروفنىڭ بۆرىكىنى ئالماشتۇرۇپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

قازاقىستان ياشلىرىنىڭ مەخسۇس تور بېتىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كونسېرتقا قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچىلىرىدىن زۇلپىقار زايىتوف قاتارلىق چولپانلار ھەم «ئاماننىساخان» ۋە «ناۋا» قاتارلىق ئۇسۇل گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئارتىسلىرى قاتنىشىپ ئويۇن قويىدىكەن.

نۆۋەتتە، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى جەمئىيىتى «ئۈمىد» ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە يىغىشتەك خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرماقتا.