بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ پاسپورت شىكايىتى ۋېيبو تورىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى

بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن پاسپورت بىجىرەلمەيۋاتقانلىقىنى خىتايدىكى ۋېيبو تورىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ۋېيبو تورداشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

تور ئىسمى ئۇيغۇر ۋاي بولغان بۇ تورداش بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورت ئىشلەتمەكچى بولغان. ئۇنىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا بولغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى پاسپورت ئىشلەيدىغان ئورۇنغا ئىلتىماس قىلغان. ئەمما ئارىدىن 27 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ «كەچۈرگىن، بىز ساڭا پاسپورت ئىشلەپ بېرەلمىگۈدەكمىز، سىلەرنىڭ ئۇ يەردىن بىزگە شۇنداق يوليورۇق كەلدى» دېگەن.

مەزكۇر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىنتېرنېتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارماقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ، بالىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىش سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىپ: «جۇڭگونىڭ قانۇنىدا ھەرقانداق جۇڭگو پۇقراسى 9 كۈن ئىچىدە پاسپورت ئالالايدۇ دېيىلگەن. بىز ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئالالمايمىز. مېنىڭ نوپۇسۇم بېيجىڭدا تۇرسا، مېنىڭ ماتېرىيالىم نېمە ئۈچۈن شىنجاڭغا يوللىنىدۇ؟» دەپ شىكايەت قىلغان.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تېما ۋېيبو تورىدا خېلى مۇنازىرە قوزغىغان، ئەمما قانداقتۇر بۇ تېما 13-دېكابىر كۈنىگە كەلگەندە ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. شۇنداقتىمۇ بەزى تورداشلار بۇ تېمىنى قايتا يوللىغان. ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋېيبو تورىدىكى بارلىق خىتايلارنى خوتەن ياڭقاللىسى مەسىلىسىدە قانداق مۇنازىرە قىلىپ كەتكەن بولسا، بۇ مەسىلىگىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىشىنىڭ قېيىن بولۇشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتايلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشىنى بارغانسېرى ئاسانلاشتۇرغاننىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشىنى ئەقىلگە توغرا كەلمەيدىغان تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر ئارقىلىق قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغماقتا.