قەشقەر خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، 400 نەپەر ئۇيغۇر ياش 21 - ماي پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان شۈرى خەلقئارا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەشكە ئېلىپ مېڭىلغان.
شۇرى شىركىتى ئويۇنچۇق، كىيىم - كېچەك ۋە چامادان قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، شىركەت ئىشچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا قارىغاندا، ئىشچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئاز بولغاندا 24 يۈەن خىتاي پۇلى ئەتراپىدا بولىدىكەن.
يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش" نامىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىشچىلار قوشۇنىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رادىئومىز ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قىزلار خىتاي زاۋۇتلىرىدا ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يولۇقماقتا ئىكەن.
قەشقەر خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن 8 - تۈركۈم خىتاي شەھەرلىرىگە ئېلىپ مېڭىلىدىغان ئىشلەمچىلەر تەييارلىنىپ بولغان.