خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ ماڭدى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 7 - يانۋار يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ ماڭدى. شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت ئېلىپ مېڭىلغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسى ئوپال يېزىسىدىن ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت جەمئىي 500 نەپەر ئۇيغۇر قىزى، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغان. ئەمما خەۋەردە بۇ قىزلارنىڭ كونكرېتنى قايسى زاۋۇتلارغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى خەۋەر قىلىنمىغان ۋە بۇ قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا قانداق خىزمەتلەرگە سېلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلىدىن بۇيان يولغا قويغان "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى" نى 2006 - يىلىدىن باشلاپ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقتا ئىدى.

كۆزەتچىلەر، بۇ جەرياندا كونا شەھەر ناھىيىسى ئوپال يېزىسىدىن بولغان ئاسىمگۈل ئىسىملىك بىر قىزنى ئەمگەك نەمۇنىچىسى قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

بەزى ئېنىقسىز خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاسىمگۈل ئەمەلىيەتتە ئائىلىسىنى قامدىغۇدەك يېتەرلىك پۇل كىرىم قىلالمىغان.

رادىئومىز ئىلگىرى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھەرخىل خورلۇقلارغا يولۇققانلىقى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ئىشلەش يېشىغا توشمىغان نارسىدە قىزلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان "26 - ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى"مۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويغان مەزكۇر سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

شاۋگۈەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرى 2009 - يىلى 26 - ئىيۇن خىتايلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە ھۇجۇمدا 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.