دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ خوتەندىكى دىنىي كۇرسقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇلار باياناتىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خوتەندىكى دىنى مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان دىنى بېسىم سىياسىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە شەپقەتسىزلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

6‏-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى سەھەردە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى خوتەن شەھىرىدە بالىلارغا قۇرئان-كەرىمدىن ساۋات بېرىدىغان بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 12 بالىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ ۋەقە، تېخى يېقىندا كورلىدا دىنى تەلىم ئېلىۋاتقان 12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىگە بولغان نارازىلىق بېسىقماي تۇرۇپ مەيدانغا كەلدى.

يۇقىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىنچلىق بىلەن دىنى تەربىيە ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە قاتتىق قوللۇق بىلەن زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاي ساقچىلىرى ئەمدى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى نىشان قىلماقتا، دېدى.

بۈگۈن يەنە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى ياڭ جىيەنلى قۇرغان «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىچىك ئۆسمۈر بالىلارغا قوللانغان رەھىمسىزلىكىنى ئەيىبلىدى.