جاڭ چۈنشيەن 5 كۈنلۈك ئامېرىكا سەپىرىدە ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئىندىئانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشىدە ئىسلام رادىكالىزمغا دائىر دوكلات ئاڭلىغان. ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشىدىكى ئۇچرىشىشتا جاڭ چۈنشيەنگە مەزكۇر كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلان بېرمان، ئىستراتېگىيىلىك ئالاقە مۇتەخەسسىسى روبېرت رېيلى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر رادىكال ئىسلام ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
جاڭ چۈنشيەن 8-ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغا قەدەر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن روجېر ۋېيكىر، مارك كېرك، ۋە بېنجامىن كاردېن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.
لېكىن ئۇنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنمىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى پەقەت ئۇ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان. جاڭ چۈنشيەن ئامېرىكىدىكى مەزگىلىدە بەزى ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىگەن.
جاڭ چۈنشيەننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئۇنىڭ قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران زىيارىتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەن مارك، كېرك، روجېر ۋېيكىر، بېنجامىن كاردېن قاتارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلاردىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.