ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قاتتىق سوغۇق بولماقتا

بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن قاتتىق قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتكەن.

بولۇپمۇ قار ئاپىتى يۈز بەرگەن ئالتاي ۋە چۆچەك رايونلىرى قەھرىتان سوغۇققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىراقلا تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 43 دە 8 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 18 - چېسلا كۈنى ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 16 سانتىمېتىرغا يەتكەن. 20 - چېسلا كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىمۇ تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 24 دە 4 دەرىجىگە چۈشۈپ، قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق كۈن بولغان.

بوشۇن خەۋەرلەر تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتىدە بىر مىليون 250 مىڭ كىشى زىيانغا ئۇچرىغان. 450 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان بولغان. بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.