"ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق بولمايدىكەن، پۈتۈن جۇڭگودا مۇقىملىق بولمايدۇ"
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.07.08
2010.07.08
فرانسىيە ئاگېتنلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بىر يىل كېيىن بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچقان دۇ يىڭ " ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق بولمايدىكەن، پۈتۈن جۇڭگودا مۇقىملىق بولمايدۇ" دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان غەربىي رايونلاردىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ ئىنتايىن نامراتلىقىنى بىلدۈرۈپ" چېگرا رايونلارنى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈش خىزمىتى ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بىر خىزمەت" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنى چاقىرىپ، "شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش" دەيدىغان شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئارقا - ئارقىلاپ ئۇيغۇر رايونىغا سېلىنىدىغان مەبلەغلەر ھەققىدە خەۋەرلەرنى چىقارماقتا.
ئەمما، بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوتسېنت ئىلھام توختى ئەپەندى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، : شىنجاڭدىكى مەسىلە، پۇل كەملىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۇلنى نەگە ئىشلىتىش ۋە پۇلنى قانداق بۆلۈشۈش مەسىلىسى " دەپ كۆرسەتتى.