خىتاي ئۇيغۇر ئېلى سەنئەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى پاكىستانغا ئويۇن قۇيۇشقا ئېلىپ كەلگەن

خىتاي دائىرىلىرى خىتاي-پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى ئۇيغۇر ئېلى سەنئەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى پاكىستانغا ئويۇن قۇيۇشقا ئېلىپ كەلگەن.

پاكىستاندا چىقىدىغان «ئالدىنقى سەپ پوچتىسى» گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، كونسېرت 12-ماي كەچقۇرۇن، پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىگە جايلاشقان بەھرىيا تىياتىرىدا قويۇلغان.

سەنئەت ئۆمىكىگە «يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى» دەپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۆمەكنى كاراچىدىكى خىتاي ئەلچىسى جاڭ جياڭ شىن باشلاپ كەلگەن.

مەزكۇر ئويۇن قويۇش پائالىيىتى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گلانىنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەمدە ئوساما بىن لادېن پاكىستان تۇپرىقىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن پەيتلەردە ئۆتكۈزۈلدى.

پاكىستان خىتاينىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، پاكىستان ئىلگىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.