ئىسمىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان ئۇيغۇر سەنئەتكار توردا نارازىلىق بىلدۈردى

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۆزىنىڭ سەنئەت پروگراممىسىغا قېتىلماقچى بولغان بىر ئۇيغۇر سەنئەتكاردىن ئىسمىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئىستانسىنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىسى ئەگەر ئۇيغۇر سەنئەتكار ئىسمىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتمىسە، ئۆزلىرىگە بىر قاتار ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇيغۇر سەنئەتكار مەزكۇر گۇرۇپپا مەسئۇلى بىلەن ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان دىئالوگنى ئۆزىنىڭ شەخسىي توربېتىدە ئېلان قىلىپ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ ئۇچۇر تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان. نەتىجىدە گۇاڭدۇڭدىكى مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆز تور بېتىدە بۇ تېمىدا مەخسۇس بىر چۈشەندۈرۈش ئېلان قىلىپ، ئىسىم ئۆزگەرتىش تەلىپىنىڭ پەقەت بىر ئېغىز خاتالىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، بۇ تەلەپنىڭ مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەلىپى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر ئۇيغۇر سەنئەتكاردىن بۇ ئىش سەۋەبلىك ئەپۇ سورىغان.

ئەپۇ سورالغاندىن كېيىن يەنى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى مەزكۇر سەنئەتكار ئۆز توربېتىدىكى نارازىلىق خېتىنىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلىغان. ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر ئۇيغۇر سەنئەتكارنىڭ كىملىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.