بۇ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە كلاسسىك شائىر ۋە ئەدىبلىرى يازغان شېئىر ۋە نەزمىلەردىن بەزى نەمۇنىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلۈشىدۇر.
شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ " ئىز"، "خەجلە خائىنلار خەجلە"، "مەن ئاقبايراق ئەمەس"، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ "ئويغان"، دىلبەر قېيۇم قىزىنىڭ "ۋەتەندىن نۇر ئېمىپ قەلبىم" ناملىق شېئىرلىرى، كلاسسىك ئەسەرلەردىن مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دىۋانى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "قۇتادغۇ بىلىك" داستانىدىكى بەزى شېئىرى پارچىلار، ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ "ئەتەبەتۇل ھەققايىق" ناملىق ئەسىرىدىن بىر قانچە كۇپلېت، ئۇيغۇر بۇددىزم ئەدەبىياتىغا تەۋە بېزەكلىكتىن تېپىلغان بىر قىسىم شېئىرى پارچىلار بار.
بۇ ئەسەرلەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دولقۇن قەمبىرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، شېئىرلار توپلىمى "ئامېرىكا سەنئەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنى" تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئامېرىكىلىق شائىرلاردىن جېفرىي ياڭ ۋە ناتاشا ۋېيمېر تەھرىرلىگەن بۇ شېئىرلار توپلىمىدا ئۇيغۇر ئەدىب ۋە شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئەڭ كۆپ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە ئەسەرلىرى بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدىب ۋە شائىرلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىجادىيىتى شۇنداقلا بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلمىگەن بەزى يىرىك شائىرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن.
بۇ توپلامغا يەنە ئۇيغۇر گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئەرەبچە يېزىلغان بىر پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ "ئاھ كېچىلەر" ناملىق بۇ شېئىرى ئامېرىكىلىق جېفرېي ياڭ تەرىپىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
بۇ، "نادىر لىرىكىلار" ناملىق يىلدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىدىغان مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىنىڭ 17 تومى بولۇپ، بۇ توپلامغا دۇنيادىكى ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قىسقىچە نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن. بۇ توپلامنىڭ بۇ يىلقى تومىغا ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلىشى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىر قەدەر كۆپرەك كىرگۈزۈلگەن.