كانادادا چىقىدىغان 'يەرشارى مەكتۇپلىرى' گېزىتنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى

كانادادىن چىقىدىغان "يەرشارى مەكتۇپلىرى" گېزىتنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر تاماقلىرى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى مەزكۇر گېزىتنىڭ سەھىپە يازغۇچىسى لۇسىي ۋېيۋېرمەن يازغان بولۇپ، تاماقلار گېزىتىنىڭ ھەپتىلىك تاماق رىسالىسى سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010-09-25
Share

ئاپتور سەھىپىسىگە مۇنداق تېما قويغان: "خىتايچە، ياپونچە ۋە تايلاندچە تارماقلاردىن زېرىككەن بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە تاماقلارنى تېتىپ كۆرۈڭ."

ئاپتور مۇنداق يازغان: "ئاسىيا تائاملىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتى غەربكە ئانچە تونۇلمىدى. ئۇيغۇر تاماقلىرى خورۇچلىرىغا سېلىنغان ھەرخىل دورا - دەرمەكلىرى بىلەن كۆڭۈلگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ ۋە مەززىلىك."

ئاپتور يەنە، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئانا ماكانى "شەرقىي تۈركىستان" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، ئۇيغۇر تائاملىرىنى تۇنجى بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا كۆرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاشپەزنىڭ بىردەمدىلا ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە لەغمەن چۆپنى تەييار قىلغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى يازغان.

بۇ نۆۋەتلىك تاماق تونۇشتۇرۇش سەھىپىسىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر لەغمىنىنى ئېتىش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۆزىنىڭ ساغلام ۋە مەززىلىكلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا رايونلاردا داڭلىق بولسىمۇ، غەرب دۇنياسىغا ئانچە كۆپ تونۇشتۇرۇلمىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت