ئاپتور سەھىپىسىگە مۇنداق تېما قويغان: "خىتايچە، ياپونچە ۋە تايلاندچە تارماقلاردىن زېرىككەن بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە تاماقلارنى تېتىپ كۆرۈڭ."
ئاپتور مۇنداق يازغان: "ئاسىيا تائاملىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتى غەربكە ئانچە تونۇلمىدى. ئۇيغۇر تاماقلىرى خورۇچلىرىغا سېلىنغان ھەرخىل دورا - دەرمەكلىرى بىلەن كۆڭۈلگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ ۋە مەززىلىك."
ئاپتور يەنە، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئانا ماكانى "شەرقىي تۈركىستان" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، ئۇيغۇر تائاملىرىنى تۇنجى بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا كۆرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاشپەزنىڭ بىردەمدىلا ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە لەغمەن چۆپنى تەييار قىلغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى يازغان.
بۇ نۆۋەتلىك تاماق تونۇشتۇرۇش سەھىپىسىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر لەغمىنىنى ئېتىش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر تائاملىرى ئۆزىنىڭ ساغلام ۋە مەززىلىكلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا رايونلاردا داڭلىق بولسىمۇ، غەرب دۇنياسىغا ئانچە كۆپ تونۇشتۇرۇلمىغان ئىدى.