كىتابتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرىدا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا سوۋېت رۇسىيىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ئۆزبېك، تاجىك، قىرغىز، رۇس، قازاق ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ئافغانىستان، ئىران، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە كۆچۈپ بارغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ مەزگىلدىكى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ بۇ كۆچمەنلەرگە قاراتقان سىياسىتى، ئافغانىستان، ئىران ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەيدانى ھەم باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەر يورۇتۇلغان.
كىتابنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنىڭدا 20 - 30 - يىللاردا قەشقەرىيە ۋە ئىلى ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار قوزغىلاڭلار، كۆچمەنلەرنىڭ بۇ قوزغىلاڭلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە موسكۋانىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ما جۇڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرى ھەم باشقا كۈچلەرنى يوقىتىش جەريانىدا شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.
تاجىك تارىخچىسى كامال ئابدۇللايېۋ كىتابىنى يېزىش ئۈچۈن موسكۋا، تاشكەنت، دۈشەنبە، لوندون قاتارلىق جايلاردىكى ئارخىپلاردىن پايدىلانغان.
بۇ كىتاب ئاساسلىقى ئىككى دەۋرنى ئوز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرىنچى دەۋر 1917 - 1934 يىللىرىدىكى ۋەقەلەر، ئىككىنچى دەۋەر 1941 - 1945 ھەمدە 80 - يىللاردىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىن ئىبارەت.
كامال ئابدۇللايېۋنىڭ 20 - 30 - يىللاردا موسكۋانىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە سىياسىتى ھەققىدىكى بايانلىرىدا كۆپلىگەن يېڭى مەلۇماتلار مەۋجۇت بولۇپ، 20 - ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىتى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەھمىيەتلىكتۇر.