شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەربنىڭ تەبىئىي گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيىسى شاڭخەينى نىشان قىلغان ھالدا 14 ئۆلكىنىڭ 80 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا ۋە چوڭ شەھەرلىرىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىمەكتە.
مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق 2010-يىلى ئىچكىرىگە 15 مىليارد 800 مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز توشۇلغان بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل، ھەر يىلى 10 مىليارد كۇبمېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز توشۇش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
بىراق، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى تارىمنىڭ تەبىئىي گازلىرى ئىچكىرىدىكى 300 مىليون ئادەمنى تەمىنلىگەن بىلەن تېخى ھازىرغىچە تەبىئىي گاز چىقىدىغان تارىم ۋادىسىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىنىشكە ئېرىشەلمەي يۈرۈۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
نۆۋەتتە، خىتاي «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى لىنىيىلىرىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئىككىنچى لىنىيىسى 2009-يىلى ئىش باشلىغان.
ئۈچىنچى لىنىيە بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا، ئارقىدىن ئىچكىرى خىتايغا توشۇشنى پىلان قىلغان قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇ لىنىيە قورغاستىن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۇەن شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئۇنىڭ غەربىي تارمىقى 2012-يىلى، شەرقىي تارمىقى 2014-يىلى رەسمىي گاز يەتكۈزۈشكە باشلايدۇ.