بېيجىڭدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، رايونغا قوشنا دۆلەتلەردىن چېگرا ئاتلاپ كىرىپ جىنايەت سادىر قىلىش ۋە ياكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، ئەمما بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بايان قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، شى داگاڭ سۆزىدە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىلى قەشقەر ۋە خوتەندە ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە، خىتاينىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدىكى باياناتچىلىرى ۋەقەدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قولى بار-يوقلۇقى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت باياناتلار بەرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەنمۇ، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بىرقانچە ئاي ئاۋۋال «چەتئەلدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىش تەۋرىتەلمەيدىغانلىقى» نى بايان قىلغان؛ ئەمما 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى دەرھاللا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئارتقان ئىدى.