خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر تورىدا دېيىلىشىچە، قاراقاش ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى ئىدىيە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم كادىرلارنى مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنى قەرەللىك ھالدا مەكتەپكە يىغىپ، ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كادىرلار بالىلارنى ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىپ، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق تەربىيىسى بېرىدىكەن. مەكتەپكە شۇ كۈنى كەلمىگەن بالىلارنى ئۆيىگىچە ئىزدەپ بېرىپ كېلەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرىدىكەن.
خەۋەردە، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش ئاسانغا توختىغانلىقى ۋە نەتىجىدە بالىلار تەتىل مەزگىلىدە ئىش چىقىرىپ قويىدىغان ئىشلارنىڭ ئازايغانلىقى يېزىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ھەمدە جايلارنىڭ ئامانلىق تورلىرىدا بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە قاراتقان سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىكى كونترولنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن كۈچەيتكەنلىكى، ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىمۇ بۇ خىل سىياسىي ئالۋاڭلار تۈپەيلىدىن ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋالنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسىي پاراكەندىچىلىك، دەپ ئاتىماقتا ۋە بۇنىڭ ئىلمىي ئوقۇتۇش مېتودلىرىغا قاتتىق خىلاپلىقىنى بىلدۈرمەكتە.