ئۇيغۇر ئېلىدە تۆت خىل تىلدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىندى
2012.10.21
بۇ تۆت خىل تىل ئۇيغۇر،خىتاي، قازاق ۋە موڭغۇل تىللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن 19 ئىمتىھان رايونى بويىچە 96 ئىمتىھان ئېلىش ئورنى تەسىس قىلىنغان.
بۇ يىلقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى 65 مىڭدىن ئارتۇق بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى نامەلۇم. قەشقەر، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، كۈيتۈن قاتارلىق شەھەرلەر تىزىمغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ جايلار ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىلا يولغا قويۇلغان ئىدى. ئەمما، 90-يىللاردىن كېيىن زور ساندىكى ئۇيغۇر ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر قوشۇنى يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ھەتتا رەسمىي ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىقى، خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىشى، جەمئىيەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
يېقىنقى 10 يىللاردىن بۇيان قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ كۈچەيتىلىشى،ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ئۇيغۇر ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە بېسىم پەيدا قىلغان ئىدى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدىكى خىتاي تىللىق مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا قىسمەن ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا، چۈنكى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش قىلمىشلىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.