خىتاينىڭ «شىنخۇا» تورى شىنجاڭ قانىلى ئۇيغۇرتىلى دەرس پروگراممىسى تەسىس قىلغان

خىتاينىڭ «شىنخۇا» تورى شىنجاڭ قانىلى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى دەرس پروگراممىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پروگرامما ھازىرغىچە 8 سان ئىشلەندى.

بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە سالاملىشىش، يەر جاي ناملىرى ۋە تاماق ئىسىملىرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ دەرسلىكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئالىي مەكتەپلەردىن پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بارا - بار ئەمەلدىن قىلدۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلىشى دىققەتنى چەكتى.

«شىنخۇا» قانىلىدا مەزكۇر دەرسلىك ھەققىدە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشتە دەرسلىكنىڭ پەقەت «تورداشلارغا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش» ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ پروگراممىنىڭ يەنە قانداق مەقسەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلمىگەن.