توپلامنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئىمىر باقى، مەزكۇر توپلامنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن سىستېمىسىنى يۈكسەلدۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر قانۇن توپلىمىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، توپلامغا قانداق مەزمۇنلارنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: " مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ قانۇن توپلىمى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانۇن چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئۆتىگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىگىنى سىقىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن."
مەلۇم بولۇشىچە، توپلامغا يەنە 1998 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىرىلغان 98 خىل يەرلىك قانۇن - نىزامنامىلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر توپلامنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۈرۇمچىدە ئېلىپ بېرىلغان.
مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئىمىر باقى، مەزكۇر توپلامنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىشتىكى سەۋەبنىڭ يېزا - قىشلاقلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ خىتاي تىلىنى چۈشەنمەسلىكىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.