خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتكە دائىر يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

27 - سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتە سىياسىي تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى چەكلەيدىغان قانۇن ماقۇللىغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "مىڭ پاۋ گېزىتى" دە نەقىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن ماددىسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان.

بۇ نۆۋەت ماقۇللانغان، بۇ يەرلىك نىزامنامىدە، " دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان" تېمىلاردا مۇنازىرە قىلىش چەكلىنىدىكەن.

نىزامنامىدا، "شەھۋانىي، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە ۋەھشىيلىككە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تارقىتىش" قاتارلىقلارنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىدە ماقۇللانغان نىزامنامىدا يەنە، چەتئەللەردىكى "ئۈچ خىل كۈچلەر" نىڭ ئىنتېرنېت، تېلېفون ۋە يانفون ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ " ئۆسەك سۆز ۋە ئۆچمەنلىك" تارقاتقانلىقى، نەتىجىدە بۇنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كىيىن، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

بۇ نۆۋەت ئېلان قىلغان تور بىخەتەرلىكى بەلگىلىمىسى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىنغان بۇ خىلدىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرىدۇر.