ئۇيغۇر رايونىدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئىنتېرنېت تور كابىلىنىڭ قاپلاش دائىرىسى 70 پىرسەنتكە، ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتتى.

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ھازىر ئىنتېرنېت كابىلىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى جەھەتتە پۈتۈن خىتاي بويىچە 9-ئورۇندا، غەربىي شىمال رايونى بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئابونتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ توردىكى يازمىلىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق تەقىبكە ئېلىنىۋاتقان بىر رايون ئىكەنلىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خاتىرىگە ئېلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇر-ئالاقىسىنىڭ بىمالاللىقىغا قويۇلىدىغان چەكلىمە ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، ئىنتېرنېتنىڭ ئۆز ئەھمىيىتىنى تاپالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان داڭلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم تور يازغۇچىلىرى ھېلىھەم تۈرمىلەردە ياتماقتا. ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىر ياقتىن ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق شەھەر-بازار-يېزىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى ئاشۇرۇشنى 12-5 يىللىق خىزمەت پىلانىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتقا قاراتقان چەكلىمىسىنى ئاشۇرغاندىن سىرت يەنە، يېقىندا ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشقا، تىزىمغا ئالدۇرغاندا كىملىك نومۇرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلايدىغان بىر يېڭى تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى باشلىغان ئىدى. بۇ تۈزۈم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.