ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر مىلىتانت، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا تۈرۈك مىلىتانتلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئافغانىستاندا ئۇيغۇر ۋە تۈرۈك قوراللىق كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر مىلىتانت، ئۇچقۇچىسىز ئىز قوغلىغۇچى ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ھۇجۇم 19 - يانۋار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۈرۈك مىلىتانتلىرىنىڭ تور بېتىدە تارقىتىلغان بۇ خەۋەر، ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق تېررورچى تەشكىلاتلارنى ئىزدىگۈچى ئاخبارات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىگە كۆچۈرۈپ خەۋەر قىلىنغان.

ھالبۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى 19 - يانۋار بۇنداق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇلار 12 - يانۋار ئافغانىستاننىڭ ھەلماند ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 16 نەپەر مىلىتانتلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈرۈك مىلىتانتلىرىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلى 19 - يانۋار ئېلىپ بېرىلغان جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن 15 نەپەر ئادەمنىڭ ئىككىسى تۈرۈك، قالغان 13 نەپىرى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇر مىلىتانلار ئىكەن.
تولۇق بەت