خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ھۇجۇم 19 - يانۋار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۈرۈك مىلىتانتلىرىنىڭ تور بېتىدە تارقىتىلغان بۇ خەۋەر، ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق تېررورچى تەشكىلاتلارنى ئىزدىگۈچى ئاخبارات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىگە كۆچۈرۈپ خەۋەر قىلىنغان.
ھالبۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى 19 - يانۋار بۇنداق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇلار 12 - يانۋار ئافغانىستاننىڭ ھەلماند ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 16 نەپەر مىلىتانتلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۈرۈك مىلىتانتلىرىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلى 19 - يانۋار ئېلىپ بېرىلغان جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن 15 نەپەر ئادەمنىڭ ئىككىسى تۈرۈك، قالغان 13 نەپىرى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇر مىلىتانلار ئىكەن.