ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن چاقىرىپ، 2013‏-يىلى قىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 26-ۋە 27‏-دېكابىر كۈنلىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، 2013-يىلى قىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.

كېلەر يىلى ھەر قايسى جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ 8 جەھەتتىن نەتىجىگە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ بىرى، ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئاساسىنى يارىتىش جەھەتتە نەتىجە قازىنىشتۇر. قالغان 7 جەھەتتىكى تەلەپنىڭ بىر قىسمى مۇھىت، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار بولسىمۇ، بىراق مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا سىياسىي ئىدىيىۋى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلى جاڭ چۈنشيەننى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا مەسئۇل قىلىپ يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارىتا بەزى ئۈمىدلەر تۇغۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلغان سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىن چەتكە قېقىلىشىنى داۋاملىق ئېغىرلاشتۇرغان.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2013‏-ئىجرا قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان سىياسىتى يەنىلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىش، ئۆكتىچى پىكىرلەرنى باستۇرۇش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆلەش ئاساسىغا قۇرۇلغان.