ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆل جەزىرىلىرىنىڭمۇ خىتاي شىركەتلىرىگە بۆلۈپ بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلماقتا

خىتاينىڭ ياشىن تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆللۈكلىرىدە ئىگىلىك تىكلىگەن خىتاي شىركەتلىرىدىن 2020-يىلى 31-دېكابىرغىچە يەرلىككە تاپشۇرۇلىدىغان يەر پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى ھەم دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە 2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانائەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پىلانلانغان يەر كۆلىمى 196مىڭ 400 مو بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى قەشقەر، كورلا، غۇلجا، سانجى قاتارلىق جايلاردىن نۇقتىلىق ھالدا يەر ئىگىلەش دولقۇنى قوزغالغان بولۇپ، يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەر داۋاسى بارغانچە كۆپەيمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆل-جەزىرىلىرىنىمۇ «يەر بايلىقى دۆلەتنىڭ» دېگەن پەتىۋا بىلەن، خىتاي شىركەتلىرىگە ھەم كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوچۇقتىن-ئوچۇق بۇلاڭچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.