مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى 5 - ئىيۇلدىن كېيىن 'خەنزۇ - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى'نى كۆرسەتتى

خىتاي تىلىدا تارقىتىلىۋاتقان "ئۇيغۇر بىز" تورى ۋە "بوشۇن" تورلىرىدا ئېلان قىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ شېڭمىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

پروفېسسور ياڭ شېڭمىڭ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاش ئارقىلىق، "خەنزۇ - ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە تامامەن ئۇچرىمىغان. ئەكسىچە، ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىلانغان"، "5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدە خەنزۇ تىلى بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئاشقان، خەنزۇلار ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيگەن"، "ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت كىملىك تۇيغۇسى ئاشقان" دېگەندەك بىر قاتار يەكۈنلەرنى چىقارغان.

بىراق، پروفېسسور ياڭ شېڭمىڭنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەققىدىكى ئۇچۇردا مەزكۇر پروفېسسورنىڭ قانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشتە قانداق ئۇسۇل قوللانغانلىقى ئېيتىلمىغان. ئەمما، پروفېسسور ياڭغا ئائىت ئىنكاسلاردا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق كومپارتىيە سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنى ئەيىبلىگەنلىكى ھەمدە پروفېسسور ياڭنىڭمۇ ئىلھام توختىغا نىسبەتەن ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

"ئۇيغۇر بىز" تورىدىكى ئىنكاسلاردا يېزىلىشىچە، ئۆزىنى ئۇيغۇرشۇناس دەپ ئاتىغان، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغان مەزكۇر پروفېسسور 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىلگىرىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو دۆلەت كىملىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

ئۇيغۇر بىز تورىدىكى بۇ خەۋەردىن كېيىن پروفېسسور ياڭنىڭ دوكلاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە تەپسىلاتىنى تېپىش ۋە ياكى ئۇنىڭ پىكرىنى بىۋاسىتە ئىگىلەشكە مۇۋەپپەق بولالمىدۇق.