ئىگىلىنىشىچە، لايىھىدە ئىككى خىل پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسىدا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ماتېماتىكا، ئىلىم-پەن، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق دەرسلەر، يولۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بولسا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق دەرسلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈش، قالغان دەرسلەرنى مىللىي تىلدا ئۆتۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىككىنچى خىل پىلاندا بولسا، بارلىق دەرسلەرنى خىتايچە بېرىش، مىللىيچە تىل-ئەدەبىيات دەرسى تەسىس قىلىش تەكلىپ قىلىنغان.
پىلاندا يەنە، ئوقۇتقۇچى شارائىتى ھازىرلىمىغان مەكتەپلەر تەنتەربىيە، مۇزىكا ۋە گۈزەل-سەنئەت دەرسلىرىنى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدا ئۆتسە بولىدۇ،دېيىلگەن ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرى 2-خىل پىلاننى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتسە بولىدۇ، دەپ ئېيتىلغان.
ئەگەر، بۇ لايىھە يولغا قويۇلغان تەقدىردە، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى زىيالىيلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي، قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنى كۈنسايىن چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپى ئۈچۈن 580 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان ۋە بۇنىڭ 150 مىليون يۈەنىنى تەسىس قىلىپ بولغان.