يەرلىك سېيسمولوگىيە ئورنى ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەر تەۋرەش دەرىجىسى 4.5 بال بولۇپ، 718 ئېغىز ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
بىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆلۈم-يىتىم ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلمىغان. پەقەت تېلېفون ئالاقە تورىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۆيى ئۆرۈپ چۈشكەن 22 ئائىلىلىكنى تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، ئاپەتكە قارشى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىغا يوللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستلىق سېيسمولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولۇپ، يەر تەۋرەش مەركىزى شىمالى پاراللېل2.42 گرادۇس، شەرقىي مېرىدىئان 2.84 گرادۇسقا توغرا كېلىدىكەن.
بۈگۈر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يە تەۋرەش مەركىزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈگۈر ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈر خىتاينىڭ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم نېفىت-تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى.