خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەرلىرىنى خىتاي كارخانىچىلىرىغا بىكارغا بېرىش ھەققىدە ھۆججەت چىقاردى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر-زېمىننى ئىچكىرىدىن كەلگەن شىركەتلەرگە بىكارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قانۇنلاشتۇرىدىغان يېڭى بىر بەلگىلىمىنى ماقۇللىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-07-28
Share

بۈگۈن شىنخۇا تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، چارشەنبە كۈنى دۆلەتلىك مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە يەر-زېمىن مىنىستىرلىقى ئورتاق ھالدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر-زېمىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يېڭىدىن ئېچىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەر ھەققىگە ئالاقىدار يېڭى سىياسەتنى ئېلان قىلىپ، ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي كارخانىلىرىغا يەرنىڭ بىكارغا بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەزكۇر قارار، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن چىقىرىلغان يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەر مەسىلىسى ئۇيغۇر رايونىدا ئەسلىدىلا نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قارارنىڭ رايوندىكى مەۋجۇت زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت