ئۇيغۇربىز تور بېتى «شىنجاڭدىكى چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ پاكىتلىرى» دېگەن تېمىدا ئىنكاس ۋە مۇنازىرە باشلىدى

بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى باشقۇرۇۋاتقان ئۇيغۇربىز تور بېتى بۈگۈن، «شىنجاڭدىكى چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ پاكىتلىرى» دېگەن تېمىدا ئىنكاس ۋە مۇنازىرە باشلىدى.

توربەتتە بۇ مۇنازىرىنىڭ مەقسىتى، «شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىش» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

مۇنازىرىگە يېزىلغان تۇنجى ئىنكاستا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپتا، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى شەرت قىلىپ، خىتايلارغا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشنى شەرت قىلمىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىنكاستا، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق سوت ۋە تەپتىش ئورۇنلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايلارنىڭ مونوپول قىلىۋېلىشى، رايوندىكى چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ يالىڭاچ ئىپادىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر ئىنكاستا، رايوننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ئۈن-تىزسىز ھالدا ئېلىپ كېتىلىپ، رايونغا مەركەزدىن بېرىلىۋاتقان ئاز مىقداردىكى ياردەم پۇلىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر بىز تور بېتى بۇ يىل ۋە ئۆتكەن يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يۈرۈش راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن دوست بولۇشنى خالىمايدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھادىسىلەرنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان ئىدى.