خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋاقتىنى 16- دېكابىردىن باشلاپ 18 سائەتكە ئۇزارتتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010.12.27

ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرچە چاستوتا خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يەنىلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن.

مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1956 ‏- يىلى 10- دېكابىر باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل كۈنىگە بىر سائەت ئاڭلىتىش بېرىپ كەلگەن ئىدى.

"تەڭرىتاغ تورى" دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرچە قانال "مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش" قاتارلىق ساھەلەرگە تۆھپە قوشقان بولۇپ، قانالنىڭمۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

بۇ يىل 4- ئايدا " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەمەتجان ئابدۇللا خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.