ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرچە چاستوتا خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يەنىلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن.
مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1956 - يىلى 10- دېكابىر باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل كۈنىگە بىر سائەت ئاڭلىتىش بېرىپ كەلگەن ئىدى.
"تەڭرىتاغ تورى" دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرچە قانال "مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش" قاتارلىق ساھەلەرگە تۆھپە قوشقان بولۇپ، قانالنىڭمۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
بۇ يىل 4- ئايدا " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەمەتجان ئابدۇللا خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى ئىدى.