خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2010 - يىللىق دوكلاتىنى ئۇيغۇرچىمۇ ئېلان قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.21
2010.09.21
دوكلاتتا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ئۈرۈمچى خەرىتىسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاساسى مەلۇمات، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، داۋاملىشىشى ۋە ئاخىرلىشىشى قاتارلىق 20 دىن ماۋزۇ ئاستىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلات "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە ھازىرغا قەدەر تەپسىلىي، تەرەپسىز ۋە ئىلمىي يوسۇندا ھازىرلانغان تۇنجى دوكلات دەپ قارالماقتا.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنىشىمۇ، مەزكۇر تەشكىلات ئۈچۈن تۇنجى ئىش بولۇپ، بۇ يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ۋەزىيەتتىن خەۋەرلەندۈرۈشنى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەنلىكىنىڭ بېشارىتى دەپ قارالماقتا.