خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2010 - يىللىق دوكلاتىنى ئۇيغۇرچىمۇ ئېلان قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نى ئاساس قىلىپ تەييارلىغان 2010 ‏- يىللىق دوكلاتىنى، يېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. دوكلات ئەسلىدە بىرقانچە ئايلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، بۇ يىل 7 ‏ - ئايدا ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

دوكلاتتا "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" ئۈرۈمچى خەرىتىسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاساسى مەلۇمات، "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، داۋاملىشىشى ۋە ئاخىرلىشىشى قاتارلىق 20 دىن ماۋزۇ ئاستىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلات "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە ھازىرغا قەدەر تەپسىلىي، تەرەپسىز ۋە ئىلمىي يوسۇندا ھازىرلانغان تۇنجى دوكلات دەپ قارالماقتا.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنىشىمۇ، مەزكۇر تەشكىلات ئۈچۈن تۇنجى ئىش بولۇپ، بۇ يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ۋەزىيەتتىن خەۋەرلەندۈرۈشنى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەنلىكىنىڭ بېشارىتى دەپ قارالماقتا.