خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىلىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئۆتكەن يىلى يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەن

ئۇيغۇر ئېلىدە بېنزىن ۋە يېقىلغۇ گازىنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يىللاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىلىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارىنى ئۆتكەن يىلى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەنلىكى مەلۇم.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى 2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن 18 مىليون 390 مىڭ توننا خام نېفىت قېزىپ، يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغان.

خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىگىلىگەن نېفىتلىك خىتايدىكى 4-چوڭ نېفىتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر نېفىتلىكتىن 1960-يىلى 1 مىليون 600 مىڭ توننا خام نېفىت قېزىلغان بولسا، بۇ 2008-يىلىغا كەلگەندە 12 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلگەن، 2012-يىلىغا كەلگەندە بولسا 18 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلدىكى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلىتىدىغانلىقى ۋە بۇ ساھەگە مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرگە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.