ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئۆي ھايۋانلىرىدا 'تۇياق - ئېغىز ياللۇغى' تارالغان

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئۆي ھايۋانلىرىدا "تۇياق - ئېغىز ياللۇغى" تارالغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەھۋالى ئالدى بىلەن كورلا ۋىلايىتى تەۋەسىدە بايقالغان. مەلۇم بولۇشىچە، كورلىدا جەمئىي 28 تۇياق ئۆي ھايۋىنى بۇ خىل كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان.

خىتاي دۆلەتلىك " تۇياق - ئېغىز ياللۇغى" ئاخبارات ئامبىرى سەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ نۆۋەتلىك تارقىلىشچان " تۇياق -ئېغىز ياللۇغى" 2009 - يىلى 30 دېكابىر بايقالغان ۋە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىگە دوكلات قىلىنغان.

نەتىجىدە، كورلا تەۋەسىدە بايقالغان 28 تۇياق ئۆي ھايۋىنى ۋە شۇ ھايۋانلار توپىدىكى 37 تۇياق ئۆي ھايۋىنى قوشۇلۇپ بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن.

" تۇياق - ئېغىز ياللۇغى" ئىنتايىن تارقىلىشچان كېسەل بولۇپ، ئەگەر ياخشى كونترول قىلىنمىسا، ئۆي ھايۋانلىرىدا يۇقۇملىنىپ توپ -توپ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

خىتاي ئاخباراتلىرى نۆۋەتتە كورلىدا كۆرۈلگەن "تۇياق - ئېغىز ياللۇغى" نىڭ كونتۇرلۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتايدا بۇ خىل كېسەللىك "5 - نومۇرلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىك" دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللىك 2004 - يىلىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ تارالغان ئىدى.