خىتاي دائىرىلىرى «ئىككى بايرام مەزگىلى» دە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا جايلارغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئىككى بايرام ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇغانلىقى ئاشكارىلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى جايلاردىن بۇ يىل 12‏-ئاينىڭ 25‏-كۈنىدىن كېلەر يىلى 2‏-ئاينىڭ 20 ‏-كۈنىگىچە مەدەنىيەت بازىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پىكىر-ئېقىم قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

دائىرىلەر قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنى ھەر قايسى جايلاردىكى نۇقتىلىق كانسېرت، كارا ئوكەي قاتارلىق سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدا، سىنئالغۇ، نەشرىيات قاتارلىق مەتبۇئات ئەپكارلىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشكە بۇيرۇغان. دىلشات رىشىت «ئىككى بايرام» نىڭ يېڭى يىل ۋە چاغان بايرىمىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى بۇ ھۆججەتنىڭ روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ھۆججەتتە، چەكلەنگەن سىياسىي مەزمۇندىكى ھەر قانداق مەدەنىيەت بۇيۇمى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. دىلشات رىشىت مەزكۇر ھۆججەتنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىلىش ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىقتۇر، دەپ كۆرسەتتى.