ئۇيغۇر ئېلىدە 8 نەپەر خىتاي كادىرى جازالاندى
2011.06.26
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، سانجىدىكى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، كۆمۈرچىلىك، يەر ۋە بايلىق، جامائەت خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەرگە مەنسۇپ رەھبەرلىك ۋە خىزمەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان كادىرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر يوقلۇقى مەلۇم.
خەۋەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپىرىنىڭ قانۇنىي جازاغا تارتىلىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، قالغانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك مەمۇرىي ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش جازالىرىغا دۇچ كېلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بىراق، بۇ قېتىم ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان مەزكۇر 8 كادىر يەنىلا ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ياكى مەمۇرىي رەھبىرى كادىرلار كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ ئەمەس بولۇپ، ھەقىقىي پاراخور ئەمەلدارلار يەنىلا تورنىڭ سىرتىدا قالماقتا.
تېخى يېقىندا خىتايچە تور بەتلەر ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم سېكرېتارى جياۋ باۋخۇا ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنجۈن قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ دېلو تۇرغۇزۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ باسقان ئىدى.