مۇقىم ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن خىتايلار رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40.1% ئىنى ئىگىلىگەن.رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق مىللەتلەر نوپۇسى 13 مىليون 67 مىڭ 186 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 59.9% نى ئىگىلىگەن. ئەپسۇسكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەلۇماتىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئايرىم نوپۇس سانىنى ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن.
ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە 17-ماي ئېلان قىلىنغان رايوندىكى نوپۇس ھەققىدىكى سېلىشتۇرما مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، 2000-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە، رايوندىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن خىتايلار نوپۇسى 7 مىليون 489 مىڭ 919 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلارنىڭ 10 يىلدا بىر مىليون 260 مىڭ نەپەر كۆپەيگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما خىتاينىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 10 يىلدا زادى قانچىلىك كۆپەيگەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغان.