مەزكۇر ئەھدىنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان "4 نى قىلماسلىق" بەلگىلىمىسى ئاساسەن ھەجگە بارغۇچىلارنىڭ چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ۋە باشقا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت: "بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، بۇ خىل چەكلەشنى ھەتتا چەتئەللەرگىچە كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ" دېدى.
"تۆتنى قىلماسلىق" ئەھدىنامىسىدىكى مەزمۇنلار 18 - نويابىر ئىلى ئامانلىق تورىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەجگە بارغاندا "ئۆمەكتىن ئايرىلماسلىق. شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە دېموكراتىيىنى تەرغىب قىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرى، دىنى كىتابلار ۋە ئۈن - سىن لېنتىلىرىنى ئالماسلىق. ئاياللار بېشىغا چۈمبەل ئارتماسلىق، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھاجىلارنىڭ شەرىپىگە كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى ۋە چوڭ مەرىكە ئۇيۇشتۇرماسلىق" قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنى قىيىنلاشتۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن تارقاق ھەج قىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى دەخلىگە ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تاللىۋالغان بىر بۆلەك ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنى ھەج قىلىشقا تەشكىللەپ، دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ يىل 8 - دېكابىردىن 12 - دېكابىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە ھەج - تاۋاب پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.