ئىلھام توختى: 'ئاچقۇچلۇق نۇقتا شىنجاڭدا ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت'

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى "جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى"نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئىلھام توختى بۇندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، "مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا بولغان چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن" دېگەن.

ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، مۇنداق دېگەن: "جۇڭگو ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدۇ ۋە بۇنىڭدىن نەپ ئالالايدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتا شىنجاڭدا ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت."

ئىلھام توختى يەنە، يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى يولۇقۇۋاتقان قىسمەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەرد ئەلەملىرىگە قۇلاق سېلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقنى چۈشىنىش مەسىلىسىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بارلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقان خىتاي ئالىملارنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختىنى چەتئەللەردىكى بىر نەچچە ئۇنىۋېرسىتېت خېلى ئوبدان ئىمتىيازلار بىلەن ئۆزلىرىدە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان، ئىلھام توختى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش مەقسىتىدە يەنىلا خىتايدا قېلىشنى تاللىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "پەقەت بۇ يەردىلا مەن ئۆز خەلقىمگە يېقىنلىشالايمەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولالايمەن."

ئىلھام توختى بېيجىڭدا "ئۇيغۇر بىز" تورىنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەرخىل خەۋەرلەرنى خىتاي تىلىدا ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. 2009 - يىلىدىكى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ تور بېكىتىنى تاقىۋەتكەن ۋە ئۇنى نەزەر بەند ئاستىغا ئالغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ بۇ خىل بېسىملارنىڭ دەردىنى تارتماقتا ئىكەن.

ئىلھام توختى بۇ ھەقتە توختىلىپ، "ئائىلەمنىڭ بەدەل تۆلەۋاتقانلىقى مېنى بەكمۇ ئازابلايدۇ. ئەمما مەن پۇشايمان قىلمايمەن. ئەگەر تارىخقا قارايدىغان بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ دائىم ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلىكىنى كۆرىسىز. بەلكىم تارىخ مېنى تاللىغاندۇ. مەن ئائىلەمدىكىلەرگە شۇنداق دەيمەن،" دېگەن.

ئىلھام توختى خىتاي مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى. ئۇ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا 1991 - يىلىدىن بۇيان ئىشلەپ كەلمەكتە ئىدى.

خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئىلھام توختى ئۇستىدىن نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئىلھام توختى ھازىر مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.