خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا 18 - ماي بېرىلگەن " ياشلار غەربكە- شىنجاڭدىكى پۇرسەتلەر دېڭىزىغا ئاتلىنىڭلار " سەرلەۋھىلىك خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، 5 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان سۈي كۈن ئىسىملىك خىتئي ئوقۇغۇچى، نۆۋەتتە ئېيىغا بەش مىڭ يۈەن ئالدىغان شىركەت خىزمەتچىسىگە ئايلانغان.
سۈي كۈن ئەسلى شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تولۇق كۇرس ئوقۇغان بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەن يىلىلا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان تېبيەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلەر شىركىتىگە خىزمەتچى بولۇپ كىرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ليۇ گاڭ شىركەتتە نۆۋەتتە 1000 كىشىلىك خىزمەت ئورنىنىڭ بوش ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن مۇۋاپىق خادىم تاپالماي قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتسىز قېلىشىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان پەيتلەردە يۇقىرىقى خەۋەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى.
يېقىندا رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، خىتاي ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر خىزمەتچىلەردىن 13 نەپىرىنى ھەر خىل باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئىشتىن بوشاتقان ۋە ئورنىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىدى.