ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتتىن كەلگەن 6 مىليون كىشى «يەرلىكلەشتۈرۈلدى»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆچمە نوپۇستىن «تۇراقلىق يەرلىك نوپۇس» قا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە 6 مىليون كىشىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇراقلىق نوپۇسقا ئېرىشتۈرگەن.

خىتايدا چىقىدىغان قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى كۆچمە نوپۇسلارغا بېرىدىغان كىنىشكىنى تۇراقلىق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىغا ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا باشلىغان. «سىرتتىن كەلگەن 6 مىليون كىشى يەرلىكلەشتۈرۈلدى» دەپ نەقىل قىلىنغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن :
-يۇقىرىدىكى قارارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتتىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسلارنى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ياقا يۇرتلۇقلارغا «شىنجاڭغا كەلسەڭلا، سەن شىنجاڭلىق» دېگەننى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان سىرتتىن كەلگەن 6 مىليون كىشىنىڭ ئىززىتىنى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىگە قىسقىغىنە بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۇراقلاشتۇرۇلغان نوپۇس سانىنىڭ بۇنداق كۆپلۈكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن يۆتكەشنى ئەسەبىيلەرچە داۋام قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قوغلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە نىيىتىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېمەكتە.