دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ 7 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىگە چاقىردى

بۈگۈن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 7 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، خىتاي سوتىنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش، ئۆلۈم جازاسىغا ئوخشاش باستۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:

7 نەپەر ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى قارىماققا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئۆز مەيلىچە بېرىلگەن ۋە شۇنداقلا سىياسىي مەقسىتى كۈچلۈك بولغان، ئادالەتسىز ئۆلۈم جازاسىدەك كۆرۈنمەكتە. بۇ ئەھۋال بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەندىشىگە سالماقتا. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا، سوت جەريانىنىڭ خەلقئارا سوت ئۆلچەملىرىگە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىگە چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىمىز.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بىردىن ‏-بىر رايون ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن دەلىللىگەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن، رادىئومىز تەرىپىدىن ئەينى چاغدا ئارال ۋەقەسى ۋە يېڭىئىرىق ۋەقەسى دەپ خەۋەر قىلىنغان ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ قولغا ئېلىنغان 12 ئۇيغۇرنىڭ 7 سىگە ئۆلۈم جازاسى، قالغانلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.