ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى جىددىيلىك رامىزان مەزگىلىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان نەشرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان ئىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە قەشقەردىكى مەسچىت تاملىرىغا «ئىناق جەمئىيەت» بەرپا قىلىش ھەققىدە شوئارلار يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ جايدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۇ ئاتالمىش ئىناقلىقتىن بەھر ئالالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.


ماقالىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى جىددىيلىك كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بۇ جىددىيلىك 19 - ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىغان رامىزان مەزگىلىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتىگە ئارىلىشىشى بىلەن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان ئىدى.

ماقالىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى، بۇنىڭ كىشىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە قىشقىچە ئۇچۇر بېرىلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ 30 - ۋە 40 - يىللىرى ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرغان خەلق ئىكەنلىكى بايان قىلغان.

ماقالىدە يەنە 2009 - يىلدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە شۇندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بېسىم سىياسىتى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن ياش ئۆسمۈرلەرگە قاراتقان دىنىي چەكلەش سىياسىتى ھەققىدە توختالغان بىر ئۇيغۇر: سىياسەت ھەر يىلى شۇنداق چىڭ، ئەمما مېنىڭ بالىلىرىم مۇسۇلمان، بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل چەكلەش سىياسەتلىرىگە پەرۋا قىلمايمىز، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلەش سىياسىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بىر قەدەر كۆپ تارقىتىلغان ئىدى.