30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان تيەنئەنمېنگە كېلىپ نارازىلىق بىلدۈردى

شەنبە كۈنى، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىن 30دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم چەكلىمىسىگە قارشى تيەنئەنمېنگە كېلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېھقانلارنىڭ چىلان ۋە پاختىلىرىنى ناھىيە سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ سېتىشىغا يول قويمىغان.

بۇ قارار ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان. دېھقانلار نارازىلىقىنى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ دېھقانلار شەنبە كۈنى بېيجىڭغا كەلگەن ۋە شەنبە كۈنى چۈشلەردە ئابلا ئابلىكىم ۋە ئابلەت قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇلارنى يول بويى ئىككى مۇخبىر سۈرەتكە ئېلىپ ماڭغان.

خىتاي ساقچىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان ماجا كەنتىگە ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن.