خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپ قۇرۇلۇشىغا، خىتاي مەركەز مالىيىسىدىن 446 مىليون يۈەن، يەرلىك مالىيىدىن 10 مىليون يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجراتقان.
پىلان بويىچە، خىتاي 2009 - يىلى بىلەن 2012 - يىلى ئارىسىدا جەمئىي، 2000 ئوقۇتقۇچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلىمەكچى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاتالمىش"قوش تىللىق مائارىپ " بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقان ۋە ئىشقا چۈشۈۋاتقانلار ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، قوش تىللىق مائارىپ سەۋەبىدىن ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەسىلىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمەيۋاتىدۇ.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يەنە ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپقا قارىتا يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىق پىكىر ۋە ئەندىشىلىرىمۇ ئىزچىل چەكلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ئاساسلىق تەھدىت دەپ كۆرۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ كىملىكنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى يوق قىلىشقا تېز ۋە چوڭ قەدەم بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
ئەمما زورىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسەتلەرنىڭ خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە بېرىشىگىمۇ بىر تۈركۈم كۆزەتكۈچىلەر گۇمان بىلەن قارىماقتا.